نىگېرىيەدە ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى
نىگېرىيەدە ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ 4 ئادەم ئۆلدى.
144966
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيەدە كېيىنكى ئايلاردا ھۇجۇملارنىڭ نىشانىغا ئايلىنىپ كېلىۋاتقان كانو شەھرى تۈنۈگۈن يەنە قانغا بويالدى.
رەخت بازىرىدا مەيدانغا كەلگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 4 ئادەم ئۆلدى. ھۇجۇم 2 ئايال ئادەم بومبا ھۇجۇمى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلدى. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، رەختچىلەرنىڭ بازارنى تاشلاپ قاچقانلىقلىرى بىلدۈرۈلدى.