خىتايدا ئىككى پاراخوت سوقۇلۇپ كەتتى

فۇجىيەن ئۆلكىسى دېڭىز تەۋەلىكىدە ئىككى يۈك پاراخوتى سوقۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن دېڭىزغا چۆكتى.

144590
خىتايدا ئىككى پاراخوت سوقۇلۇپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدا ئىككى يۈك پاراخوتى سوقۇلۇپ كېتىپ دېڭىزغا چۆكۈپ كەتتى، قازادا 9 ئادەم يوقاپ كەتتى.

پاراخوتلار خىتاينىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان فۇجىيەن ئۆلكىسى دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ نانرى ئارىلى ئەتراپىدا ئۆزئارا سوقۇلۇپ كەتتى؛ قازاغا ئۇچرىغان 13 ئادەمنىڭ 4ى قۇتقۇزۇۋېلىندى؛ سوقۇلۇپ كېتىشتىن كېيىن قازا يۈز بەرگەن جايدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر كېمە 2 ئادەمنى، دېڭىز ئارمىيە قۇتقۇزۇش ئەترىتى 2 ئادەمنى قۇتقۇزۇۋالدى.

خىتايغا تەۋە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن پاراخوتتىكى يوقاپ كەتكەن 9 كىشىنى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋام قىلماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر