ئىسرائىلىيە سۈرىيەگە ھۇجۇم قىلدى

ئىسرائىلىيە سۈرىيەدىكى ئىككى بازىنى بومباردىمان قىلدى.

140552
ئىسرائىلىيە سۈرىيەگە ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئايروپىلانلىرى دەمەشىقتىكى ئىككى رايوننى بومباردىمان قىلدى.
سۈرىيە رەسمىي ئاگېنتلىقى سانا خەلقئارا دەمەشىق ئايرۇدۇرۇمى بىلەن دىماس ھەربىي رايونى نىشان قىلىنغان ھۇجۇمدا، ئۆلۈش ھادىسىسىنىڭ يوقلىقىنى، بىراق زور زىيانلارنىڭ كېلىپ چىققانلىقىنى ئۇقتۇردى.
سۈرىيە ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ ھالەپ، دەيرۇززور، دەرئا ۋە باشقا رايونلاردا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشىدىن كېيىن ھۇجۇم قوزغىشىنىڭ ئالاھىدە دىققەت قوزغايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى ئېممانۇئېل ناسون بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەدىكى بىر نەچچە يەرنى بومباردىمان قىلغانلىقىدىن خەۋىرىمىز بار، بىراق بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىپ ئولتۇرمايمىز.»
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 2011-يىلى باشلىغان ئىچكى ئۇرۇش جەريانىدا بىر نەچچە قېتىم سۈرىيەدىكى ھەربىي بازىلارنى بومباردىمان قىلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر