ئىسرائىلىيەدە مۇھىت بۇلغىنىش ئاپىتى يۈز بەردى

رايوننىڭ بۇرۇنقى ھالغا كەلتۈرۈلىشى ئۈچۈن بىر قانچىلىغان يىل كېتىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

138590
 ئىسرائىلىيەدە مۇھىت بۇلغىنىش ئاپىتى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەدە دۆلەت تارىخىدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر مۇھىت بۇلغىنىش ۋەقەسى كۆرۈلدى. 

ئىسرائىلىيەنىڭ جەنۇبىدىن ئۆتىدىغان نېفىت تۇرۇببا لىنىيەسىدىكى يېرىقتىن سىزىپ چىققان نۇرغۇن مىقداردىكى نېفىت ئىيۇردان جېگراسىدىكى ئاراۋا چۆلىگە ئاقتى.
مۇھىت ئىشلىرى مىنىستىرلىكى ۋەقەنىڭ قىزىل دېڭىزنىڭ شىمالىدىن 20 كېلومېتىر ئۇزاقلىقتا مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
تۇرۇببا لىنىيەسىدە يېرىلىش مەيدانغا كەلگەن تەبىئەت رايونىدا قىممەتلىك كېيىك تۈرلىرى ياشايدىغانلىقى ۋە خۇرما دەرەخلىرى ئەڭ كۆپ جاي ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئېقىپ چىققان خام نېفىت تەبىئەت رايونىنى بويلاپ ئېقىپ فىلورا ۋە فۇناۋا رايونىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىكى قەيت قىلىندى.
ئېقىپ چىققان نېفىتنىڭ پۇرۇقىدىن زەھەرلەنگەن 3 كىشىنىڭ بالنېستقا ئېلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
دەسلەپكە تەكشۈرۈشتە لىنىيەدىكى يېرىقنىڭ رېمۇنت قىلىش ئەسناسىدا مەيدانغا كەلگەنلىكى ئېنىقلاپ چېقىلدى.
رايوننىڭ بۇرۇنقى ھالغا كەلتۈرۈلىشى ئۈچۈن بىر قانچىلىغان يىل كېتىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر