رۇسىيەنىڭ قىرىم ۋە ئۇكرائىنا سىياسىتى تەنقىد قىلىندى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتوغا ئەزا ئەللەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بىلەن ئۇكرائىنا، رۇسىيەنىڭ قىرىمغا ئەسكەر توپلىشىنى ۋە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى بۆلگۈنچىلەرگە قورال ئەۋەتىشىنى ئەيىبلىدى.

135797
رۇسىيەنىڭ قىرىم ۋە ئۇكرائىنا سىياسىتى تەنقىد قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى تۈنۈگۈن ئۇكرائىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرى پاۋلو كلىمكىن بىلەن تېلېفون يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئەڭ يېڭى ئەھۋاللار ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى. يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان قوشما باياناتتا، «رۇسىيەنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى بۆلگۈنچىلەرگە تانكىلار، ئىلغار ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى ۋە باشقا ئېغىر تىپلىق قوراللارنى ئەۋەتىش قاتارلىق داۋاملىشىۋاتقان ئاڭلىق ھالدا مۇقىمسىزلاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ۋە مىنسك كېلىشىمىگە خىلاپ ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەر ئىشلىتىلدى.

قوشما باياناتتا، «رۇسىيەنىڭ قىرىمدىكى ھەربىي قىسىملىرى ۋە قىرىمنىڭ ناچارلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى» مۇ ئەيىبلىنىپ، موسكۋا دائىرىلىرىگە قىرىمنى قوشۇۋېلىش قارارىدىن قايتىشى ۋە «قىرىم تاتارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەرلىك خەلققە ھۆرمەت قىلىشى» چاقىرىق قىلىندى.

بۇ جەرياندا ناتو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ زامانىۋىيلاشتۇرۇشى ئۈچۈن 4 ئامانەت فوندى قۇرۇپ چىقىشنى ماقۇللىدى. بۇ قارار ئەزا  خالىغان ئەللەرنىڭ تور ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش، جەڭچى، ئارقا سەپ، ئۆلچەملەشتۈرۈش، ئوفېتسىرلارنىڭ تەربىيەلىنىشى، يارىدار ئەسكەرلەرنىڭ داۋالىنىشى ساھەسىدىكى لايىھەلەرگە قاتنىشىشى ياكى مالىيە جەھەتتە ياردەم بېرىشىنى مەزمۇن قىلىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر