188 كىشىنىڭ ھايات - ماماتى مۇپتىنىڭ پىكرىگە باغلىق بولۇپ قالدى

مىسىردا ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى 188 گۇماندارنىڭ ماتېرىياللىرى ئۆلۈم جازاسى توغرىسىدا «پىكىرىنى ئېلىش» مەقسىتىدە مۇپتىلىققا يوللاندى.

135733
188 كىشىنىڭ ھايات - ماماتى مۇپتىنىڭ پىكرىگە باغلىق بولۇپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاھىرەنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان تورادىكى ساقچى ئېنىستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن سوت، قارارنىڭ ئوقۇپ ئۆتۈلۈشى ئۈچۈن 2015 – يىلى 24 – يانۋارغا كېچىكتۈرۈلدى. مىسىر قانۇنلىرىغا كۆرە، ئۆلۈم جازاسىغا دائىر دېلونىڭ ماتېرىياللىرى ئاخىرقى قېتىملىق قاراردىن ئىلگىرى مىسىر مۇپتىسىغا يوللىنىدۇ. مۇپتىنىڭ پىكرى ئېلىنغاندىن كېيىن سوت مەھكىمىسىگە قايتۇرۇلىدۇ. بۇ جەريانلاردىن كېيىن سوت مەھكىمىسى قارارىنى ئېلان قىلىدۇ.

2013 – يىلى 14- ئاۋغۇستتا قىرداسەدىكى ساقچى مەركىزىگە قىلىنغان ھۇجۇمدا 16 ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى. گۇماندارلار مەزكۇر ۋەقەنىڭ جاۋابكارى، سۈپىتىدە سوتلانماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر