ئى ش ئى د لىدېرى باغدادىنىڭ ئايالى بىلەن ئوغلى قولغا چۈشۈرۈلدى

ئى ش ئى د لىدېرى ئەبۇ بەكىر ئەلباغدادىنىڭ ئايالى بىلەن بىر ئوغلىنىڭ لىۋان چېگراسىدا قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

210997
ئى ش ئى د لىدېرى باغدادىنىڭ ئايالى بىلەن ئوغلى قولغا چۈشۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىراق - شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ لىدېرى ئەبۇ بەكىر ئەلباغدادىنىڭ ئايالى بىلەن بىر ئوغلىنىڭ لىۋاننىڭ سۈرىيە چېگراسىدا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

لىۋاندا چىقىدىغان «ئەسسەفىير» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، لىۋان ھەربىي ئىستىخبارات (دۆلەت بىخەتەرلىكى) تەشكىلاتى چەت ئەل ئىستىخبارات تەشكىلاتلىرى بىلەن ئۆزئارا ماسلاشقان ھالدا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، باغدادىنىڭ ئايالى ۋە بىر ئوغلىنى چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ بىرىدە نازارەت ئاستىغا ئالغان.

خەۋەردە، يالغان كىملىك بىلەن تۇتۇلۇپ قالغان باغدادىنىڭ ئايالى بىلەن ئوغلىنىڭ سوراق قىلىنىش ئۈچۈن پايتەخت بېيرۇتنىڭ شەرقىدىكى مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىناسىغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

لىۋان رەسمىلىرى، باغدادىنىڭ ئايالىنىڭ سۈرىيە پۇقراسى ئىكەنلىكىنى، ئوغلىنىڭ بولسا 8 ياش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر