مىسىر يەنە مەشھۇر رەفاھ چېگرا ئېغىزىنى تاقىۋەتتى

مىسىر يوقىلاڭ باھانە بىلەن مەشھۇر رەفاھ چېگرا ئېغىزىنى يەنە تاقىۋەتتى

211168
مىسىر يەنە مەشھۇر رەفاھ چېگرا ئېغىزىنى تاقىۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر غەززە بىلەن بولغان ئالاقىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ كېلىۋاتقان رەفاھ چېگرا ئېغىزىنى تاقىۋەتتى.
غەززەدىكى پەلەستىن ھۆكۈمىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە قاراشلىق چېگرا ۋە چېگرا ئېغىزلىرى ئومۇمىي كېڭىشىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مىسىر ھاكىمىيىتىنىڭ 554 پەلەستىنلىكنىڭ غەززەگە ئۆتۈشىدىن كېيىن رەفاھ چېگرا ئېغىزىنى ئىككىنچى بۇيرۇققىچە تاقىۋەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
مىسىرلىق مەسئۇللار ئۆتكەن چارشەنبە كۈنىمۇ غەززەگە ئۆتمەكچى بولغانلار ئۈچۈن رەفاھ چېگرا ئېغىزىنى ۋاقىتلىق ئېچىۋەتكەنىدى. ئىسرائىلىيە مۇھاسىرى سەۋەبلىك غەززەنىڭ «دۇنياغا تۇتۇشىدىغان يېگانە ئېغىزى»سالاھىيىتىدىكى رەفاھ، مىسىردا 2013-يىلى ئىيۇلدا مەيدانغا كەلگەن ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ كەينىدىن پات-پات تاقالماقتا.
ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 24-ئۆكتەبىردە شىمالى سىنا ئۆلكىسىدە 2 بىخەتەرلىك ئېغىزىغا قىلىنغان ھۇجۇمدىن كېيىن مىسىر ھاكىمىيىتى «تېررور مەسىلىسىنى يىلتىزدىن ھەل قىلىش»نى باھانە قىلىپ رايوندا 3 ئايلىق جىددىي ھالەت ئېلان قىلىپ، بۇ دائىرىدە رەفاھ چېگرا ئېغىزىنىمۇ تاقىۋەتكەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر