ھۆسنى مۇبارەكنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە قارشى ئەرز سۇنىلىدۇ

مىسىر باش تەپتىش مەھكىمىسى ھۆسنى مۇبارەكنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە قارشى ئالىي سوتقا ئەرز سۇنۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى.

134844
ھۆسنى مۇبارەكنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە قارشى ئەرز سۇنىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىردا ئاغدۇرۇۋېتىلگەن رەھبەر ھۆسنى مۇبارەكنىڭ سوتقا تارتىلىشى ۋە ئاقلىنىپ چىقىشى ھەققىدىكى غۇلغۇلىلار داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، مىسىر باش تەپتىش مەھكىمىسى بۇ قويۇپ بېرىش قارارىغا قارشى ئالىي سوتقا ئەرز سۇنۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى.
مىسىردا ئاۋغۇست ئېيىدا ئۆلتۈرۈلگەن ئامېرىكا نېفىت شىركىتى خادىمى ۋىليىم ھېندېرسېننىڭ جاۋاپكارلىقىنى ئەنسار بەيتۇل مۇقەددەس تەشكلاتى ئۆز ئۈستىگە ئالدى.
مىسىر باش تەپتىش مەھكىمىسى ئاغدۇرۇۋېلتىلگەن رەھبەر ھۆسنى مۇبارەك بىلەن ئەينى چاغدىكى مىسىر ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ھەبىب ئادلى ۋە 6 نەپەر مۇئاۋىنى ھەققىدە ماقۇللانغان قويۇپ بېرىش قارارىغا ئېتىراز بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
مىسىر باش تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، قاھىرە جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارى ھەققىدە توختىلىپ، مۇتەخەسسىلەردىن تەشكىل تاپقان بىر ھەيئەتنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقىنى ۋە بۇ قارارنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان بىر تۈركۈم بوشلۇقلارنىڭ بايقالغانلىقىنى قەيت قىلدى.
بۇ ئارىلىقتا مىسىردا ئاۋغۇست ئېيىدا ئۆلتۈرۈلگەن ئامېرىكا نېفىت شىركىتى خادىمى 58 ياشلىق ۋىليىم ھېندېرسېننىڭ جاۋاپكارلىقىنى ئەنسار بەيتۇل مۇقەددەس تەشكىلاتى ئۆز ئۈستىگە ئالدى.
تەشكىلات ئىجتىمائىي ئورتاقلىشىش تور بېتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا ۋىليىم ھېندېرسېنغا تەۋە ئىككى كىملىك كارتىنىڭ سۈرىتىنى ئورتاقلاشتى. بىراق جىنايەتنىڭ قانداق ئەملىيلەشكەنلىكى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات بەرمىدى.
مىسىر ھەربىي قىسىملىرى سىنا چۆلىدە كۈنسىرى ئەۋج ئېلىۋاتقان ھۇجۇملارغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت باشلىدى.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر