پەلەستىن پۇتبول كوماندىسى ئاسىيانىڭ مۇنەۋۋەر كوماندىسى بېكىتىلدى
پەلەستىن پۇتبول كوماندىسى ئاسىيانىڭ بۇ يىلقى مۇنەۋۋەر كوماندىسى بېكىتىلدى.
210375
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى ئاسىيا پۇتبول كونفېدراتسىيەسى تەرىپىدىن بېرىلىدىغان يىلنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبول كوماندىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
پەلەستىن دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى مايدا مالدىۋلەر ساھىبخانىلىق قىلغان 2014-يىللىق ئاسىيا پۇتبول مۇسابىقىسىدە چىمپيون بولۇپ، ئاۋىستىرالىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 2015-يىللىق ئاسىيا لوڭقىسىغا قاتنىشىش ھوقۇقىغا ئېرىشتى.
پەلەستىن كېلەر يىلى 9-يانۋاردىن 31-يانۋارغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان 2015 -يىللىق ئاسىيا لوڭقىسىدا ياپونىيە، ئىئوردانىيە ۋە ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پۇتبول كوماندىسى بولغان د گۇرۇپپىسىدا مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.