ئى ش ئى د بازىلىرى قاتتىق بومباردىمان قىلىندى

سۈرىيەدە ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى بازىلىرى قاتتىق بومباردىمان قىلىندى.

210107
ئى ش ئى د بازىلىرى قاتتىق بومباردىمان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە ئىتتىپاقداش كۈچلەرگە تەۋە ئايرۇپىلانلار ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە تەۋە بازىلارنى بومباردىمان قىلدى.
سۈرىيە ئومۇمىي ئىنقىلاپ كېڭىشىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرىگە تەۋە ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تىزگىنى ئاستىدىكى راككاغا 30 قېتىم ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقى قەيىت قىلىندى.
ھۇجۇملارنىڭ شەھەرنىڭ سانائەت رايونى، 17-تۈمەن، فۇرۇسىيە رايونى بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى كۈچلىرى پائالىيەت قىلىۋاتقان يەرلەرگە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى. بۇ ھۇجۇملاردا ئۆلگەن ياكى يارىلانغانلار ھەققىدە ئېنىق مەلۇم بېرىلمىدى.
بۇ ئارىلىقتا سۈرىيە ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى سۈرىيە ئارمىيەسىگە تەۋە ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرىنىڭ راككادا ئولتۇراق رايونلارغا قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇملاردا 10 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، ئونلارچە ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ، شۇنداقلا بەزى ئۆي ۋە ئىش ئورۇنلىرىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر