ئەنگلىيە ئەلچىخانىسىنىڭ ئاپتوموبىلى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدا ئەنگلىيە ئەلچىخانىسىنىڭ ئاپتوموبىلىغا، موتوسىكلىتقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىندى.

207684
ئەنگلىيە ئەلچىخانىسىنىڭ ئاپتوموبىلى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدا ئەنگلىيە ئەلچىخانىسىنىڭ ئاپتوموبىلىغا بومبا ھۇجۇمى قىلىندى. ھۇجۇمدا ئۈچ ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 30 ئادەم يارىلاندى. ھۇجۇم موتوسىكلىتقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىنى پارتلىتىش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئىچىدە ئەنگلىيەلىك دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ يوقلۇقى بىلدۈرۈلدى.
دائىرىلەر، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئەلچىخانىدا خىزمەت قىلىدىغان ئافغانىستان پۇقرالىرى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. كابۇلدىكى دوختۇرخانىنىڭ مەسئۇللىرى بولسا، بەش ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
تالىبان بۇ ھۇجۇمغا جاۋابكار ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر