ئۆلتۈرۈلگەن مىلىتانلار سانى 1100 دىن ئېشىپ كەتتى

پاكىستان ھاۋا ئارمىيەسى دۆلەتنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئافغانىستان چېگراسىغا يېقىن يەرنى بومباردىمان قىلدى.

206090
ئۆلتۈرۈلگەن مىلىتانلار سانى 1100 دىن ئېشىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ دۆلەتنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئافغانىستان چېگراسىغا يېقىن يەرنى بومباردىمان قىلىشى نەتىجىسىدە 20 مىلىتان ئۆلدى.

پاكىستان ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مىلىتانلارنىڭ شىمالىي ۋەزىرىستان ئۆلكىسىدىكى ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ئىيۇن ئېيىدىن بويان داۋاملىشىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەردە ئۆلتۈرۈلگەن مىلىتانلار سانى 1100 دىن ئاشتى.

پاكىستاننىڭ ئافغانىستان چېگرا رايونىدا ياشايدىغان قەبىلىلەرگە مەنسۇپ مىلىتانلار ئۇزۇن يىللارنىڭ مابەينىدە چېگرانىڭ ھەر ئىككى تەرىپىدە قانلىق ھۇجۇملارنى پەيدا قىلىپ كەلمەكتە.

مىلىتانلار پات – پات تالىبانغىمۇ ياردەم قىلىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر