ئامېرىكا ئافغانىستاندىكى ئەسكەر سانىنى كۆپەيتىشنى پىلانلىماقتا

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى 2015- يىلى ئافغانىستاندىكى ئەسكەر سانىنى كۈپەيتىشكە تەييارلانماقتا.

206083
ئامېرىكا ئافغانىستاندىكى ئەسكەر سانىنى كۆپەيتىشنى پىلانلىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاندا 2001- يىلىدىن بۇيان ۋەزىپە ئۆتەپ كېلىۋاتقان ۋە بىر مەزگىل سانى 130 مىڭغىچە يەتكەن ئافغانىستان خەلقئارا بىخەتەرلىك بويىچە ياردەم بىرىش قىسىملىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئاخىرلىشىدۇ.

دۆلەتتە ئافغانىستان ئارمىيەسىنى تەربىيەلەيدىغان 12 مىڭ كىشىلىك ناتو ئەسكىرىدىن باشقا ئەسكەر قالمايدۇ. بۇ ساننىڭ 9800 نى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، قالغان 2200 نى ناتونىڭ باشقا ئەزالىرى تەشكىل قىلىدۇ.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما ماي ئېيىدا بايانات بېرىپ، 2015- يىلىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ يېرىمىنىڭ قىسقارتىلىدىغانلىقىنى ۋە 2016- يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئافغانىستاندا بىخەتەرلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ئافغان ئارمىيەسى ۋە ساقچىلىرى بولسا، تالىبان ۋە ئەلقائىدەگە تاقابىل تۇرۇشتا يېتەرلىك كۈچكە ئىگە ئەمەس. 2014- يىلى يۈز بەرگەن ھۇجۇملاردا 4600 ئافغان ئامانلىق ساقلاش خادىمى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى رايوندىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن بىر قانچە مىڭ زاپاس ئەسكەر ئەۋەتىشنى پىلانلىماقتا. ئامېرىكا زاپاس قىسىملىرى ئافغانىستاندا تۇرۇپ، ئافغان ئارمىيەسىنى تەربىيەلەيدىغان 12 مىڭ كىشىلىك ناتو كۈچلىرى بىلەن بىرلىكتە ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.

ئەسكەر سانىنىڭ پىلاندىكىدىن بىر قانچە مىڭ كۆپ بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر