يادرو مۇزاكىرىلىرىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنالمىدى

ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسىغا مۇناسىۋەتلىك مۇزاكىرىلەردە ئاخىرقى كۈنىمۇ بىردەكلىك ھاسىل قىلىنالمىدى.

205030
 يادرو مۇزاكىرىلىرىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنالمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يادرو مۇزاكىرىلىرىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنالمىدى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تەرەپلەر ئىيۇلدا قايتىدىن بىر يەرگە جەم بولىدىكەن. ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسىغا مۇناسىۋەتلىك مۇزاكىرىلەردە ئاخىرقى كۈنىمۇ بىردەكلىك ھاسىل قىلىنالمىدى. بىراق تەرەپلەر 2015 – يلى 1 – ئىيۇل كۈنى قايتىدىن بىر يەرگە جەم بولۇش مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. كېلىشىم دائىرىسىدە ئىراننىڭ چەت ئەلدىكى توڭلىتىپ قويۇلغان مال – مۈلۈكلىرىدىن ھەر ئاي 700 مىليون دوللارنىڭ چەكلىمىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلۇشى قارارلاشتۇرۇلدى. مۇزاكىرىلەردە تەرەپلەرنىڭ تەلەپلىرى بىربىرىدىن ناھايىتى يىراق ئىدى. ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى نۇرغۇنلىغان ئىختىلاپلارغا خاتىمە بېرىلگەنلىكىنى، مۇددەت توشقۇچە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئەنگىلىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى فىلىپ ھامېند بىلەن رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋمۇ ئۇچرىشىشلاردا كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ھاسىل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 1 – مارتقىچە ئاساسلىق مەسىلىلەردە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنىش ئېھتىمالى بار ئىكەن، كېيىنچە تېخنىكىلىق تەپسىلاتلار مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن. دېكابىر ئېيىدا قايتىدىن باشلىنىدىغان مۇزاكىرىلەر ئوممان ۋە ۋىياندا ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن. بۇ ئارىلىقتا، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى مۇتەخەسسىسلىرى تەرىپىدىن ھازىرلانغان بىر دوكلاتقا كۆرە، ئىران قولىدىكى «تۆۋەن سەۋىيەدە قويۇلدۇرۇلغان ئوران گازى» ئىسكىلاتلىرىنىڭ سانىنى ئىلگىرىكى كېلىشىمگە ئاساسەن ئازايتقان.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر