خىتايدا مۇھىت بۇلغىنىشى ئېغىرلاپ كەتتى

خىتاي مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ئېغىر بېسىمىدا تىپىرلاۋاتقان بولۇپ، بېيجىڭدىن باشقا، تىيەنجىن ۋە خىبېيدىمۇ ھاۋا بۇلغىنىشىدىن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى.

203692
خىتايدا مۇھىت بۇلغىنىشى ئېغىرلاپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيادا مۇھىتى ئەڭ ئېغىر بۇلغانغان بېيجىڭدىن باشقا، تىيەنجىن شەھىرى ۋە خىبېي ئۆلكىسىدە ھاۋا بۇلغىنىشىدىن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى. نەپەس يولى بېمارلىرىنىڭ سىرتقا چىقماسلىقى ئۇقتۇرۇلدى، سىرتقا چىققانلارنىڭ بولسا، ماسكا تاقىۋېلىشى تەۋسىيە قىلىندى. بېيجىڭدا ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بەلگىلىگەن دەرىجىدىن 20 ھەسسە ئارتۇق. خىتايدا ھاۋا بۇلغىنىشى ئۈچۈن كۆك، سېرىق، قىزغۇچ سېرىق ۋە قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر