خىتاي بىلەن ياپونىيەدە يەر تەۋرىدى

خىتاي بىلەن ياپونىيەدە 23 – نويابىر ئارقا – ئارقىدىن يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش كىشىلەرنى ساراسىمگە سالدى.

272301
خىتاي بىلەن ياپونىيەدە يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى سىچۈەن ئۆلكىسى كاڭدىڭ شەھىرىدە 6.3 بال يەر تەۋرىدى. ۋەقەدە بەش ئادەم ئۆلدى، 50 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى. 6.8 بال يەر تەۋرىگەن ياپونىيەدە بولسا، 10 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى، 100 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆيى ئۆرۈلۈپ چۈشتى.
كاڭدىڭ شەھىرىدىكى نۇرغۇنلىغان جايلار خارابىلىككە ئايلاندى. خارابىلىكتە قالغان كىشىلەرنى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئاپەت رايونىدا چېدىرلار قۇرۇلدى.
ياپونىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان ناگانو شەھىرىدە يەردىن 10 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئېغىر ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقاردى. قىش پەسىللىك تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىدە كۆزگە كۆرۈنگەن شەھەردە يۈز بەرگەن بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش، 180 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى توكيودىمۇ ھېس قىلىندى. ناگانو شەھىرى ئوتتۇرا قىسىمغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن دېڭىز تاشقىنى خەۋپى كۆرۈلمىدى، يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرى ھېچقانداق تەسىرگە ئۇچرىمىدى.
مەسئۇل دائىرىلەر، يەر تەۋرەشتىن كېيىن يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان تاغ گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەلىرىدىن ئاگاھلاندۇرماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر