تۈركىيە – ئافرىقا يىغىنى ئاياغلاشتى

ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى ساھىبخانىلىق قىلغان تۈركىيە – ئافرىقا ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى ئاياغلاشتى.

201373
 تۈركىيە – ئافرىقا يىغىنى ئاياغلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى ساھىبخانىلىق قىلغان تۈركىيە – ئافرىقا ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى ئاياغلاشتى.
يىغىنغا تۈركىيەگە ۋەكالىتەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىشتىراك قىلدى. ئەردوغان يىغىندا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، تۈركىيەنىڭ ھەر ساھەدە ئافرىقا ئەللىرىنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىرىنى تەكىتلىدى. ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتەۋاتقان ماۋرىتانىيە پىرېزىدېنتى مۇھەممەد ۋەلەد ئابدۇلئەزىز بىلەن ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى پىرېزىدېنتى تېئودورو ئوبىئانگىما بازوگو نۇتۇقلىرىدا، ھەمكارلىقنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشتى. ئىگىلىنىشىچە، 3 – نۆۋەتلىك تۈركىيە – ئافرىقا ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى 2019 – يىلى ئىستانبۇلدا چاقىرىلىدىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر