ئىسپانىيە پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىش قارارى ئالدى

پەلەستىننى مۇستەقىل دۆلەت سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەرنىڭ سانى كۆپەيمەكتە.

198069
 ئىسپانىيە پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىش قارارى ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىننى مۇستەقىل دۆلەت سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەرنىڭ سانى كۆپەيمەكتە.
ئىسپانىيە پارلامېنتى، پەلەستىن دۆلىتىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى ئۈچۈن ھۆكۈمەتكە سۇنۇلغان تەۋسىيە قارارنامىسىنى بىردەك ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلدى.
پەلەستىننىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى يولىدا شىۋېتسىيە، ئىرېلاندىيە ۋە ئەنگىلىيە پارلامېنتلىرىدا تاشلانغان قەدەملەرنىڭ يېڭىسى ئىسپانىيەدىمۇ ئىشقا ئاشتى.
ئۆكتىچى سوتسىيالىست ئىشچى پارتىيەسى تەرىپىدىن پارلامېنتنىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈلگەن پەلەستىن دۆلىتىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى نىشان قىلىنغان قارارنامە، ھاكىمىيەت بېشىدىكى خەلق پارتىيەسىنىڭ پوزىتسىيەسى تۈپەيلى مەزمۇنى قىسمەن ئۆزگەرتىلگەن بولسىمۇ، «پەلەستىن دۆلىتىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى» تەرىقىسىدە قوبۇل قىلىندى.
پارلامېنتتا قوبۇل قىلىنغان ۋە ئىسپانىيە ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن تەۋسىيەلىك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان قارارنامە، «خەلقئارا قانۇن ساھەسىدە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى» نى نىشان قىلىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر