ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن ئى ش ئى د بىر - بىرىگە بېقىندى

كېرى، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن ئى ش ئى د نىڭ بىر - بىرىگە بېقىندى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

194108
ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن ئى ش ئى د  بىر - بىرىگە بېقىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كېرى، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن ئى ش ئى د نىڭ بىر - بىرىگە بېقىندى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى جون كېرى، سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن ئى ش ئى د ئوتتۇرىسىدا بىرلىكتە ياشاش مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئېيتتى.
كېرى، «سۈرىيەدە ئى ش ئى د گە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ ئەسلىدە بەششار ئەسەدنىڭ ئىشىغا يارىغانلىقىنى» ئىلگىرى سۈرۈرۈۋاتقانلارنىڭ سۈرىيەدىكى سىياسىي رېئاللىقنى خاتا چۈشىنىۋالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
بەششار ئەسەدنىڭ مۆتىدىل ئۆكتىچىلەرنىڭ قولىدىكى رايونلارنى داۋاملىق بومباردىمان قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئى ش ئى د نىڭ ئىلگىرىلىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قىلىنىمۇ تەۋرىتىپ قويمىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
كېرى، «ئى ش ئى د ئۆزىنى بەششار ئەسەدكە قارشى بىردىن-بىر تاللاش يولى دەپ قارايدۇ، بەششار ئەسەدمۇ ئى ش ئى د گە قارشى ئاخىرقى مۇداپىيە لىنىيەسى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىدۇ. دەرۋەقە، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ھەر ئىككىسى تېخىمۇ كۈچەيدى» دېدى.
ئى ش ئى د نىڭ تەھدىتلىرىدىن قورقۇپ قالمايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن كېرى، «ئەگەر ئى ش ئى د نى بىر تەرەپ قىلمىساق، ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن ياشاش ۋە قوبۇل قىلىش مۇمكىن بولىدىغان بىر كېلەچەكمۇ بولمايدۇ» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر