مىسىر ئارىلىق رايون دائىرىسىنى كېڭەيمتەكتە

مىسىر 500 مېتىرلىق ئارىلىق رايوننىڭ دائىرىسىنى 1 كىلومېتىرغا چىقىرىش قارارى ئالدى.

194104
مىسىر ئارىلىق رايون دائىرىسىنى كېڭەيمتەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر ئارىلىق رايون دائىرىسىنى كېڭەيمتەكتە.
مىسىر 500 مېتىرلىق ئارىلىق رايوننىڭ دائىرىسىنى 1 كىلومېتىرغا چىقىرىش قارارى ئالدى. مىسىر رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى مەنانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مىسىر – غەززە ئوتتۇرىسىدىكى 800 – 1000 مېتىرلىق تۇنېللارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىرىلىشىدىن كېيىن، دۆلەتنىڭ مىللىي بىخەتەرلىكىنىڭ قوغدىلىشى ئۈچۈن غەززە چېگرىسىدا ئىلگىرى 500 مېتىر دەپ ئېلان قىلىنغان ئارىلىق رايوننىڭ بىر كىلومېتىرغا چىقىرىلىشى قارار قىلىنغان. سىنا يېرىم ئارىلىدا 24 – ئۆكتەبىر مىسىر قورالللىق قىسىملىرى نىشان قىلىنغان ھۇجۇملاردا 31 كىشىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى، 30 كىشىنىڭ يارىلىنىشىدىن كېيىن، ھۆكۈمەت رايوندىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكىنى جاكارلىغانىدى. بۇ دائىرىدە ئۇزۇنلۇقى 14 كىلومېتىر كېلىدىغان مىسىر – غەززە چېگرىسىنىڭ نۆل نۇقتىسىدىكى ئولتۇراق رايونلىرىنىڭ بىكار قىلىنىپ، بۇ رايونلارنىڭ ئاھالىسىنىڭ باشقا يەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە 500 مېتىرلىق ئارىلىق رايون تەشكىل قىلىنىشىنىڭ پىلانلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن، ئارقىدىنلا مىسىر ئارمىيەسى مەزكۇر رايونلاردىكى ئۆيلەرنى چېقىشقا باشلىغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر