خىتاي پاكىستان ئارمىيىسىگە تەلىم بەرگەنلىكىنى رەت قىلدى

خىتاي پاكىستان ئارمىيەسىنى قورال-ياراغ ۋە تەلىم بەرگەنلىكىنى رەت قىلدى.

194071
خىتاي پاكىستان ئارمىيىسىگە تەلىم بەرگەنلىكىنى رەت قىلدى

ھىندىستان تاراتقۇلىرى خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ پاكىستان چېگرا ئەسكەرلىرىگە تەلىم بېرىپ، ھىندىستان چېگرىسىنى كونترول قىلماقچى بولىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇنى قەتئىي رەت قىلىپ بايانات بەردى.
ھىندىستان ئىسخىبارات ئىدارىسى ھىندىستان چېگرا بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ئىستىخبارات بۆلۈمىدىن ئالغان مەلۇماتىغا كۆرە، خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى پاكىستان ئارمىيىسىنى قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىرگە، ھەربىي تەلىم-تەربىيە بەرگەن. بۇ ئەھۋال ھىندىستاننىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە بىۋاستە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىكەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى تۈنۈگۈن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، ھىندىستاننىڭ ئەيىبلەشلىرىنىڭ ھېچقانداق ئاساسىي يوقلىقىنى بىلدۈردى.
ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى شەنبە كۈنى ئاۋۇستىرالىيەنىڭ بىرىسبانە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن گ 20 دۆلەتلەر گۇرۇھى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا ھىندىستان پىرېزىدېنتى پىراناب مۇقھەرجې بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كۆرۈشكەندە، بۇ مەسىلە ئۈستىدە توختالمىغان. چۈنكى، ھىندىستان ئىستىخبارات ئىدارىسىدىن بۇ ھەقتە خەۋەر كەلمىگەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر