ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى خاكېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى «خاكېرلار»نىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئىلخەت سىستېمىسىنى توختىتىۋەتتى.

193290
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى خاكېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى مىنىستىرلىكنىڭ كومپىيۇتېرلىرىغا بىر «خاكېر»نىڭ ھۇجۇم قىلىشىغا قارىتا، بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، بارلىق مەخپىي ئىلخەت سىستېمىسىنى ۋاقتىلىق توختىتىۋەتتى.
مىنىستىرلىكنىڭ يوشۇرۇن سىستېمىسىنىڭ خەتەر ئاستىدا ئەمەسلىكى، بىراق غوللۇق كومپيۇتېرلار تورىدا بىخەتەرلىكىنى ياخشىلاش خىزمەتلىرى سەۋەبلىك دۇنيا مىقياسىدىكى ئىلخەت سىستېمىسىنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ توختىتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مىنىستىرلىكنىڭ بارلىق سىستېمىلىرىنىڭ پات يېقىندا ئىشقا كىرىشتۈرۈلدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن بولسىمۇ، سەۋەنلىكتىن كىم جاۋابكار بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىدى.
بۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئىلگىرىكى ھۇجۇملاردىن رۇسىيە ياكى خىتاي «خاكېرلىرى» جاۋابكار دەپ قارالغانىدى، بىراق بۇ ھۇجۇملارنىڭ نەدىن كەلگەنلىكى ياكى مەنبەسى خەلققە ئېلان قىلىنمىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر