خىتايدىكى مەلۇم بىر زاۋۇتتا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

خىتايدىكى مەلۇم بىر زاۋۇتتا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ 18 ئادەم ئۆلدى.

192732
خىتايدىكى مەلۇم بىر زاۋۇتتا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شۇگۇاڭ شەھىرىدىكى لوڭيۇەن ئىسىملىك يېمەك-ئىچمەك زاۋۇتىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ 18 ئادەم ئۆلدى، 13 ئادەم يارىلاندى. يارىلانغانلار دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلدى، زاۋۇت مەسئۇللىرى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.
ئوت ئاپىتىنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر