شۋېيتسارىيەدە مەكتەپتە ياغلىق چېگىش ئەركىن

شۋېيتسارىيەدىكى مەكتەپتە قىزلارنىڭ ياغلىق چېگىش چەكلىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

190015
شۋېيتسارىيەدە مەكتەپتە ياغلىق چېگىش ئەركىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شۋېيتسارىيەنىڭ سىت گاللېن شەھىرىدىكى سىت مارگىرېتېن مەكتىپىدە قىزلارنىڭ ياغلىق چېگىش چەكلىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.
سىت گاللىن سوت مەھكىمىسى بوسنىيەلىك بىر ئائىلىنىڭ ئەرزنامىسىنى قوبۇل قىلىپ، قىزلارنىڭ دەرسكە ياغلىق چېگىپ كېرەلەيدىغانلىقى ھەققىدە رەسمىي قارار ماقۇللىدى.
سوت مەھكىمىسى، دىنىي سەۋەبلەر بىلەن ئىشىلىتىلگەن ۋە بېشىنى ئورايدىغان نەرسىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى مەنئىي قىلىشنىڭ نورمال ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
مەھكىمە «ئەگەر بېشىنى ئوراش دىنىي تىنچلىققا نىسبەتەن ئېغىر تەھدىت شەكىللەندۈرىغان بولسا، ئاندىن ئۇنى مەنئىي قىلىش - قىلماسلىقنى مۇنازىرە قىلىشقا بولىدۇ» دېدى ھەمدە ھېجابنىڭ قانداقتۇر ئاياللارنى كەمسىتىدىغان بىر ئامىل ئىكەنلىكىگە دائىر ھېچقانداق ئالامەت كۆرۈلمىگەنلىكىنى قەيت قىلدى.
سوت مەھكىمىسى بۇنىڭدىن بىر يىل ئىلگىرىكى بىر سوت جەريانىدىمۇ قىزلارنىڭ ھىجاب تاقىشىغا رۇخسەت قىلغان ئىدى.
بۇ قېتىم سوت مەھكىمىسى، ھىجابنىڭ سىنىپتا ئوقۇغۇچىلار بىلەن قويۇق ئارىلىشىش ۋە ماسلىشىش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتمىگەنلىكىنى ھەمدە مەكتەپ تۈزۈمىگىمۇ ھېچقانداق دەخلى - تەرۇز يەتكۈزمىگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلدى.
سوتنىڭ قارارى ھازىرچە رەسمىي ئىجرا قىلىنمىدى، كەڭ دائىرىلىك ئاخىرقى قارارنىڭ 3 ياكى 4 ھەپتە ئىچىدە ئېلان قىلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر