بۈگۈن مەسجىدى ئەقساغا كىرىشتە ياش چەكلىمىسى يوق

ئارىدىن شۇنچە ئايلار ئۆتكەندىن كېيىن چوڭ - كىچىك ھەر ياشتىكى پەلەستىن پۇقرالىرى مەسجىدى ئەقسادا جۈمە نامىزى ئوقۇشقا تەييارلىق قىلماقتا.

190009
بۈگۈن مەسجىدى ئەقساغا كىرىشتە ياش چەكلىمىسى يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى بۈگۈن مەسجىدى ئەقسادا جۈمە نامىزى ئوقۇشنى خالايدىغان پەلەستىنلىكلەرگە نىسبەتەن ياش چەكلىمىسى قويمايدىغان بولدى.
ئارىدىن شۇنچە ئايلار ئۆتكەندىن كېيىن چوڭ - كىچىك ھەر ياشتىكى پەلەستىن پۇقرالىرى مەسجىدى ئەقسادا جۈمە نامىزى ئوقۇشقا تەييارلىق قىلماقتا.
ئىسرائىلىيە يولغا قويغان 50 ياشتىن كىچىك پەلەستىنلىكلەرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا كىرىشىنى چەكلەيدىغان بەلگىلىمە قاتتىق نارازىلىققا سەۋەب بولغان ئىدى.
بۇنىڭدىن 3 ھەپتە ئىلگىرى بىر نەپەر ھاھام ئۆلتۈرۈلگەندىن قۇددۇستا جىددىيچىلىك يۈز بېرىپ، ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرىشكەن ئىدى.
ئىگىلىنىشىچە، يەھۇدىي كۆچمەنلەر ۋە ئىسرائىلىيە مەسئۇللىرى بەزىدە مەسجىدى ئەقسا كۇللىيەسىنىڭ ئىچىگىچە بېسىپ كىرىپ، جامە جامائىتى ۋە ئۇ يەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا چېقىلىدىغان ئىشلارنى سادىر قىلىپ تۇرىدىكەن.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر