«ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدا پايدىلىق باشلىنىش»

شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپىگەن بىنائەن بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەن باراك ئوباما، رەسمىي مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋېلىندى. ئاقساراي ئوباما – شى جىنپىڭ ئۇچرىشىشىغا «پايدىلىق باشلىنىش» دەپ باھا بەردى.

187771
«ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدا پايدىلىق باشلىنىش»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپىگەن بىنائەن بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەن باراك ئوباما، رەسمىي مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋېلىندى. تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىدا، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ مارشلىرى ئوقۇلدى ۋە ئوباما بىلەن بىرلىكتە كەلگەن ھەيئەت ئۇنىڭغا ھەمراھ بولدى. ئوباما بىلەن شى جىنپىڭ ھۆرمەت قاراۋۇللىرىغا سالام بەردى. مۇراسىمدىن كېيىن، خىتاي ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئىككى رەھبەرگە قوللىرىدىكى بايراقلار بىلەن ئالقىش ياڭرىتىشى رەڭلىك كۆرۈنۈشلەرنى پەيدا قىلدى. رەھبەرلەر مۇراسىمنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشقا قېتىلدى.
ئاقساراينىڭ مەلۇم بىر ئەمەلدارى، ئوباما بىلەن شى جىنپىڭنىڭ تۈنۈگۈنكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان كۆرۈشۈشىگە «پايدىلىق باشلىنىش» دەپ باھا بەردى. ئۇ ئەمەلدار بۈگۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇچرىشىشلارنىڭ، «ئىقتىسادىي تەرەققىيات، كاربون ئوكسىدنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشى، شىمالىي كورېيە ۋە ئىران يادرو پىروگراممىسى» قاتارلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئەمەلدار تۈنۈگۈن كەچلىك تاماق زىياپىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشنىڭ پىلان قىلىنغاندىن ئىككى سائەت ئارتۇق داۋام قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ ئۇچرىشىشلارنىڭ سەمىمىي ئىستراتېگىيەلىك سەۋىيەدە ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ۋە رەھبەرلەرنىڭ ھەمكارلىق ساھەلىرى ھەمدە پىكىر ئوخشىماسلىقلارنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇزاكىرىدە، «ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق بىخەتەرلىك، كىشىلىك ھوقۇقتا خەلقئارالىق ئۆلچەم ۋە پىرىنسىپلار» قاتارلىق تېمىلارنىڭ ئورۇن ئالغانلىقىنى قەيت قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر