جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ

بىرمادا 3 كۈن داۋاملىشىدىغان ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدا رايون خاراكتېرلىك مەسلىلەردىن باشقا يەنە ئېبولا ۋىرۇسى ۋە «ئى ش ئى د» قاتارلىق خەلقئارالىق مەسىلىلەرمۇ كۈنتەرتىپكە كېلىدۇ.

188245
جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ پايتەختى بىيجىڭدا تۈنۈگۈن ئاخىرلاشقان ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئالىي درىجلىك رەھبەر يىغىنىدىن كېيىن ئاسىيادا يەنە بىر ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى بۈگۈن چاقىرىلىدىغان بولدى.
بىرمانىڭ پايتەخنى نەپىتاۋدا جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
3 كۈن داۋاملىشىدىغان ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدا رايون خاراكتېرلىك مەسلىلەردىن باشقا يەنە ئېبولا ۋىرۇسى ۋە «ئى ش ئى د» قاتارلىق خەلقئارالىق مەسىلىلەرمۇ كۈنتەرتىپكە كېلىدۇ.
يىغىنغا ھىندىستان، خىتاي، رۇسىيە ۋە ياپونىيەنىڭ باش مىنىستىرلىرى قاتنىشىدۇ، ئالىي دەرىجىلىك رەھبەر يىغىنىنىڭ يەنە بىر يېڭى مېھمىنى بولسا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما بولىدۇ.
ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدا بىرمادىكى ئاز سانلىق مۇسۇلمانلار ھېسابلىنىدىغان روھىڭگىيالىقلارغا يۈرگۈزۈلىۋاتقان سىستېمىلىق ئايرىمچىلىقنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىش ياكى كەلمەسلىكى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر