خىتاي بىلەن ياپونىيە دىيالوگ باشلىماقچى

خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا سىياسىي، دىپلوماتىك ۋە خەۋپسىزلىك تېمىلىرى بويىچە دىيالوگ ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىندى.

184755
خىتاي بىلەن ياپونىيە دىيالوگ باشلىماقچى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:خىتاي بىلەن ياپونىيە تارىخىي مەسىلىلەرنى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تۆت ماددىلىق پىرىنسىپ ئۈستىدە پىكىر بىرلىكىگە كەلدى.
ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇنلىغان تارىخىي مەسىلىلىرى بولغان خىتاي بىلەن ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلايدۇ. بۇ مەقسەت بىلەن ھاسىل قىلىنغان پىكىر بىرلىكىدە، دىيالوگنى داۋاملاشتۇرۇش قارار قىلىندى. ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر خىل يوللار ئارقىلىق سىياسىي، دىپلوماتىك ۋە خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى بويىچە دىيالوگ ئۆتكۈزۈشتە ئوخشاش پىكىرگە ئىگە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. ھەر ئىككى تەرەپ، بىر-بىرىگە بولغان سىياسىي ئىشەنچنىڭ تۇرغۇزۇلۇشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.
خىتاي بىلەن ياپونىيە ئارىسىدا تالاش-تارتىشلىق ئاراللار مەسىلىسىدىن باشقا، شەرقىي دېڭىزدىكى تەۋەلىك مەسىلىسىمۇ بار ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر