بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سالىھقا ئېمبارگو يۈرگۈزدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن يەمەننىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ئەلى ئابدۇللاھ سالىھ ۋە ئۇنىڭ 2 خۇسىي قوماندانىغا تىنچلىققا تەھدىت سالغانلىقلىرى تۈپەيلى ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارى ئېلىندى.

185477
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سالىھقا ئېمبارگو يۈرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سالىھقا ئېمبارگو يۈرگۈزدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن يەمەننىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ئەلى ئابدۇللاھ سالىھ ۋە ئۇنىڭ 2 خۇسىي قوماندانىغا تىنچلىققا تەھدىت سالغانلىقلىرى تۈپەيلى ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارى ئېلىندى.
خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ھېچبىر ئەزاسى ئېتىراز بىلدۈرمىگەن قارارغا كۆرە، ئەلى ئابدۇللاھ سالىھ بىلەن شىئە خۇسىى قوماندانلىرىنىڭ مال – مۈلۈكلىرى توڭلىتىپ قويۇلىدىكەن، ساياھەت چەكلىمىسى قويۇلىدىكەن.
قارار ھاپىرىسىدا مىڭلارچە كىشى سالىھ ۋە خۇسىيلارنى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزدى.
بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى نارازىلىق نامايىشلىرى تۈپەيلى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان سالىھ، ئىران بىلەن ئالاقىسى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان خۇسىيلارنىڭ ئەڭ چوڭ قوللىغۇچىسى دەپ قارالماقتا.
خۇسىيلار ئىلگىرى سالىھ ھۆكۈمىتىمىگىمۇ قارشى چىققانىدى.
پايتەخت سەنئا ۋە باشقا بىر قىسىم مۇھىم شەھەرلەردە خۇسىيلار، ھۆكۈمەتتە ئۆزلىرىگە تېخىمۇ كۆپ ھوقۇق بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، دۆلەت بىنالىرىنى ئىشغال قىلىۋالغانىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، يەمەندە 16 مىنىستىردىن تەشكىل تاپقان خالىد مەھفۇز باش مىنىستىرلىكىدە يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلدى.
خۇسىيلار ئۆزلىرىنىڭ سەنئاندىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىشكلىرى ئۈچۈن ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر