ئى ش ئى د دىيالا شەھىرىدىكى مەھەللىلەرنى قولغا چۈشۈردى

ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تېررورلۇق تەشكىلاتى (ئى ش ئى د) ئىراقنىڭ دىيالا شەھىرىدىكى نۇرغۇنلىغان مەھەللىلەرنى قولغا چۈشۈرۈۋالدى.

181850
ئى ش ئى د دىيالا شەھىرىدىكى مەھەللىلەرنى قولغا چۈشۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئى ش ئى د دىيالانىڭ ئەسسادىيە، جەلۇلا، ئەلمانسۇرىيە ۋە باكۇبادىكى مەكتەپلەرنىڭ بەزىلىرىنى قورال – ياراق ئىسكىلاتىغا ئۆزگەرتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
كوبانىدا بولسا، ئى ش ئى د بىلەن كۈرت (كورد) گۇرۇپپىلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشلار داۋام قىلماقتا. تىل شېيىر تۆپىلىكىگە ئورۇنلاشقان ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ قىسىملىرى ئى ش ئى د تارتىۋالغان يېقىن مەھەللىلەردىكى نۇقتىلارنى ئوق يامغۇرىغا تۇتتى.
يېڭى زېلاندىيە باش مىنىستىرى جون كىي، ئىراقتا ئى ش ئى د غا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان گۇرۇپپىلارنى تەربىيەلەش ئۈچۈن ھەربىي مۇتەخەسسىسلەرنى ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئەنگلىيەمۇ ئىراق ئەسكەرلىرىنى تەربىيەلەش ئۈچۈن ھەربىي مۇتەخەسسىسلەرنى ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەنگلىيە ئەسكەرلىرى ئامېرىكىنىڭ باغدادتىكى باش مەكىزىدە ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر