مىسىر غەززە چېگرىسىدىكى ئۆي – ماكانلارنى چاقماقتا

مىسىر ھۆكۈمىتى، شىمالىي سىنا رايونىدىكى دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە قارىتىلغان ھۇجۇملارنى باھانە قىلىپ، غەززە چېگرىسىدىكى ئولتۇراق رايونلىرىنى ۋەيران قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

180247
مىسىر غەززە چېگرىسىدىكى ئۆي – ماكانلارنى چاقماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر غەززە چېگرىسىدىكى ئۆي – ماكانلارنى چاقماقتا.
مىسىر ھۆكۈمىتى، شىمالىي سىنا رايونىدىكى دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە قارىتىلغان ھۇجۇملارنى باھانە قىلىپ، غەززە چېگرىسىدىكى ئولتۇراق رايونلىرىنى ۋەيران قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
سىنادا 24 – ئۆكتەبىر كۈنىدىكى 31 ئەسكەر ئۆلۈپ كەتكەن، 30 ئەسكەر يارىلانغان مىسىر قوراللىق قىسىملىرى نىشان قىلىنغان ھۇجۇملاردىن كېيىن بايانات ئېلان قىلغان پىرېزىدېنت ئابدۇلفەتتاھ ئەس سىسى، رايوندا تېررورىزمنى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىش نىشان قىلىنغان قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
بۇ دائىرىدە 3 ئايلىق جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى.
قوراللىق قىسىم ئالى كېڭىشى ۋە دۆلەت مۇداپىئە ئورگانلىرى ئارا ئىشقا ئاشۇرۇلغان جىددىي يىغىندىن كېيىن، 28 – ئۆكتەبىر كۈنى مىسىر ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، غەززە چېگرا رايونلىرىدا «بىخەتەر رايون» قۇرۇلۇش پىلانىنىڭ تەستىقلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
بۇ دائىرىدە، ئۇزۇنلۇقى 14 كىلومېتىر كېلىدىغان مىسىر – غەززە چېگرىسىنىڭ نۆل نۇقتىسىدىكى ئولتۇراق مەھەللىلىرىنىڭ ۋەيران قىلىنىپ، رايون ئاھالىسىنىڭ باشقا ئولتۇراق رايونلىرىغا كۆچۈرۈلۈشى ۋە 500 مېتىرلىق ساھەدە «بىخەتەر رايون» تەشكىل قىلىنىشىنىڭ پىلانلانغانلىقى جاكارلاندى. ئارقىدىنلا مىسىر ئارمىيەسى رايوندىكى ئۆي – ماكانلارنى چېقىشقا باشلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر