خىتاي لازېرلىق قورال لايىھەلەپ چىقتى

خىتاي كىچىك تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارغا قارشى لازېرلىق قورال لايىھەلەپ چىقتى.

180876
خىتاي لازېرلىق قورال لايىھەلەپ چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي كىچىك تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارغا تاقابىل تۇرالايدىغان لازېرلىق قورال لايىھەلەپ چىقتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيەسى فىزىكا ئىنژېنېرلىق مەركىزىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسەن بەرگەن خەۋىرىدە، خىتاينىڭ پەستە ئۇچىدىغان كىچىك تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى نىشانغا ئالالايدىغان لازېرلىق مۇداپىئە قورالىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا سىناپ چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.
لازېرلىق قوراللارنىڭ ئىككى كىلومېتىرلىق مۇساپە ئىچىدە بەش سىكىنۇتتا نىشانىنىڭ ئورنىنى مۇئەييلەنلەشتۈرۈپ ۋەيران قىلالايدىغانلىقى قەيت قىلىندى. لازېرلىق قوراللارنى ئاسان قوراشتۇرغىلى ۋە يۆتكىگىلى بولىدىغانلىقى، بولۇپمۇ چوڭ شەھەرلەردە ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتلەردە بىخەتەرلىك جەھەتتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
ئاخىرقى قېتىم ئېلىپ بېرىلغان سىناقلاردا، لازېرلىق قوراللارنىڭ 100%لىك ئۈنۈم بىلەن 30دىن ئارتۇق نىشاننى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ۋەيران قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر