ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنى بېيجىڭدا باشلىدى
ئاسىيا – تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ يىللىق يىغىنى خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭدا باشلىدى.
178931
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىغىن مۇناسىۋىتى بىلەن بېيجىڭدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىلدى.
1989- يىلى تىنچ ئوكيان بىلەن قىرغاقداش ئەللەر ئارىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان بۇ تەشكىلاتنىڭ 21 ئەزاسى بار.
دۇنيا نوپۇسىنىڭ 40% ىنى تەشكىل قىلىدىغان 21 ئەزا دۆلەت، خەلقئارا سودىنىڭ 54% ىنى كونترول قىلىدۇ.