ئىران ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى

ئىران ئىسرائىلىيەنى مەسجىدى ئەقساغا قىلغان ھۆرمەتسىزلىكى سەۋەبلىك ئەيىبلىدى.

177662
ئىران ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيەنى مەسجىدى ئەقساغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلىدى.
تېھران ھاكىمىيىتى مەسجىدى ئەقساغا كىرىش چەكلىمىسى يولغا قويغان ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلەپ، بۇ خىلدىكى قىلمىشلارنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى مەرزىيە ئافھام تەرىپىدىن بېرىلگەن يازما باياناتتا، «ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەسجىدى ئەقساغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىشىنى، مەسجىدى ئەقسانى تاقىۋېتىشقا ئۇرۇنۇشىنى ۋە ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ بۇ مۇقەددەس ماكاننى قوغدىغۇچىلارغا ھۇجۇم قىلىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز» دېيىلدى.
بۇ خىلدىكى قىلمىشلارنىڭ «ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى» ئالاھىدە تەكىتلەنگەن باياناتتا، ئىسلام دۆلەتلىرى ۋە «رايوندىكى مۇسۇلمان توپلۇق»لارنى ئىسرائىلىيەنىڭ مەسجىدى ئەقسا ۋە قۇددۇسقا قىلغان ھۆرمەتسىزلىكلىرىگە سۈكۈت قىلىپ تۇرماسلىققا چاقىردى.
بىر رادىكال يەھۇدىي ئۆلىماسى تۈنۈگۈن كەچتە غەربىي قۇددۇستا سۈيقەستكە ئۇچرىغان ئىدى، ئىسرائىلىيە مەتبۇئاتلىرى سۈيقەستكە ئۇچرىغان يەھۇدىي ئۆلىماسىنىڭ ئىسمىنىڭ يەھۇدا گلىك ئىكەنلىكىنى ۋە «رادىكال» بىر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى ئىكەنلىكىنى يازغانىدى.
ۋەقەدىن كېيىن ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىككىنچى قېتىملىق بۇيرۇق چۈشكۈچە مەسجىدى ئەقسانىڭ پۈتكۈل مۇسۇلمانلارغا تاقىۋېتىلگەنلىكىنى» بىلدۈرۈشىگە قارىتا، ساياھەتچى ۋە يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭمۇ مەسجىدى ئەقساغا كىرىشىگە رۇخسەت بېرىلمىدى. شۇنداق قىلىپ، ئىسرائىلىيە شەرقىي قۇددۇسنى ئىشغال قىلغان 1967-يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم مەسجىدى ئەقساغا كىرىش چەكلمىسىنى يول قويغان بولدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر