ئامېرىكا ئىسرائىلىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەسجىدى ئەقسانى مۇسۇلمانلارغا تاقىۋېلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

175873
ئامېرىكا  ئىسرائىلىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەسجىدى ئەقسانى مۇسۇلمانلارغا تاقىۋېلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى باياناتچىسى، مەسجىدى ئەقسا مەسىلىسى توغرۇلۇق تەرەپلەرنى سوغۇققان بولۇشقا چاقىردى.
باياناتچى، مەسجىدى ئەقسا جاماسىنىڭ قايتىدىن ئېچىۋېتىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى، بۇ باياناتتىن كېيىن مەسجىدى ئەقسانى ئاياللار بىلەن ياشانغانلارغا ئاچىدىغانلىقلىرىنى، 50 ياشتىن تۆۋەن ئەر مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان جامەگە كىرىش چەكلىمىسىنىڭ داۋاملىشىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس، مەسجىدى ئەقسانىڭ تاقىۋېتىلىشىنى ئۇرۇش ئېلان قىلىشقا ئوخشاتقان، مىسىردىكى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىمۇ ئىسرائىلىيەنى ۋەھشىيلىك بىلەن ئەيىبلىگەنىدى.
بۇ ئارىلىقتا، قۇددۇستىمۇ پەلەستىنلىكلەر بىلەن ئىسرائىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلار يۈز بەردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر