مىسىر سىنادا ئارىلىق رايون بەرپا قىلىدۇ

مىسىر سىنا يېرىم ئارىلىدا ئارىلىق رايون بەرپا قىلىش قارارى ئالدى.

174886
مىسىر سىنادا ئارىلىق رايون بەرپا قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر، سىنا يېرىم ئارىلىدا ئارىلىق رايون بەرپا قىلىش قارارى ئالدى.
مىسىر سىنا يېرىم ئارىلىدا مىسىر ئەسكەرلىرىنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قېلىشىدىن كېيىن، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش قارارى ئالدى. مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، غەززە رايونىدىن تەخمىنەن 10 كىلومېتىر يىراقلىتىكى چېگرا رايونىدا، 500 مېتىر كەڭلىكتە بىر ئارىلىق رايون تەشكىل قىلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، چېگرا رايونىدا ئارىلىق رايون تەشكىل قىلىنىشى ئۈچۈن 800 مىڭغا يېقىن بىنانىڭ چېقىلىشىغا توغرا كېلىدىكەن. جۈمە كۈنى سىنا يېرىم ئارىلىدىكى بىر ھەربىي كونىترول نۇقتىسىغا قىلىنغان ھۇجۇم نەتىجىسىدە 30 ئەسكەر قازا قىلغانىدى. ئىگىلىنىشىچە، مىسىر، ھۇجۇملارنىڭ جاۋابكارى غەززە رايونىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ھاماس تەشكىلاتى دەپ قارايدىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر