خىتاي ھۆكۈمىتى جۇ يوڭكاڭ توغرىسىدىكى سوئاللارغا دۇچ كەلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى 30 – ئۆكتەبىر 4 – ئومۇمىي يىغىنىدا مەركىزىي سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق سېكرېتارى جۇ يوڭكاڭ مەسىلىسىنىڭ تىلغا ئېلىنمىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئاللارغا دۇچ كەلدى.

175341
خىتاي ھۆكۈمىتى جۇ يوڭكاڭ توغرىسىدىكى سوئاللارغا دۇچ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي كومپارتىيەسى ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئىشخانا مەسئۇلى جياڭ ۋېي، 4 – ئومۇمىي يىغىندا نېمە ئۈچۈن مەركىزىي سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق سېكرېتارى جۇ يوڭكاڭ مەسىلىسىنىڭ تىلغا ئېلىنمىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ: «چۈنكى جۇ يوڭكاڭ ھازىر مەركىزىي رەھبەرلىك قاتلىمىدا ۋەزىپە ئۆتىمەيدۇ» دېدى.
ھازىر 71 ياشقا كىرگەن جۇ يوڭكاڭ شى جىنپىڭ باشلىغان چىرىكلىككە قارشى زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان شەخس ۋە 1949- يىلى خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيەت سوراشقا باشلىغاندىن بۇيانقى چىرىكلىك بىلەن ئەيىبلەنگەن ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار بولۇپ قالغان. 4 – ئومۇمىي يىغىنىدا جۇ يوڭكاڭ مەسىلىسىنىڭ تىلغا ئېلىنماسلىقى، چەت ئەلدىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، ھەر خىل پەرەزلەرنى قىلىشىغا سەۋەب بولدى.
خىتاي كومپارتىيەسى ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئىشخانا مەسئۇلى جياڭ ۋېي: «جۇ يۇڭكاڭ دېلوسىنىڭ تەكشۈرۈلىشى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ چىرىكلىككە قارشى كۈرەش قىلىشتىكى پوزىتسىيەسى ۋە ئىرادىسىنى نامايەن قىلىدۇ» دېدى.
بۇ قېتىمقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى، چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىدىن جۇ يوڭكاڭ توغرىسىدا سوئال سوراشقا مۇھىم پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن.
جىياڭ ۋېي مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا: «سىلەر سورىغان، نېمە ئۈچۈن 4 – ئومۇمىي يىغىندا جۇ يوڭكاڭ دېلوسىنىڭ تىلغا ئېلىنمىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا كەلسەك، چۈنكى جۇ يوڭكاڭ مەركىزىي كومىتېتتا ۋەزىپە ئۆتىمەيدۇ. شۇڭا بۇ قېتىمقى يىغىندا جۇ يوڭكاڭ دېلوسى توغرىسىدا قارار ئېلىنمىدى» دېدى. ئۇ رويتېرز ئاگېنتلىقىنىڭ ئارقا – ئارقىدىن سورىغان سوئالىغا، ئىنگلىزچە: «بۇ توغرىدا چۈشەندۈرۈشنى خالىمايمەن» دەپ جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. ئۇ جۇ يوڭكاڭ دېلوسىنىڭ ئەھۋالى توغىرىسىدا سورالغان سوئالغىمۇ: «بىلمەيمەن» دەپ جاۋاب بەردى.
جۇ يوڭكاڭ 2012 – يىلىغىچە خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولۇپ بولغان، سىياسىي بىيۇرودىكى ھوقۇقى ئەڭ چوڭ كىشىلەردىن بىرى ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى 2013 – يىلى 29 – ئىيۇل خىتاي مەركىزىي سىياسىي بىيۇروسىنىڭ سابىق ئەزاسى جۇ يوڭكاڭنىڭ «ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىقى» ئۈچۈن دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان.
مۇتەخەسسىسلەر، جۇ يوڭكاڭ دېلوسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى تەۋررىتىپ قويدى ۋە ئاگاھلاندۇرۇش رولىنى ئوينىدى، دەپ قارىماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر