ئامېرىكا سۈرىيەلىك مۇساپىرلارغا ياردەم قىلدى

ئامېرىكا سۈرىيەلىك مۇساپىرلارغا 10 مىليون دوللار ياردەم قىلدى

173501
ئامېرىكا سۈرىيەلىك مۇساپىرلارغا ياردەم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سۈرىيەلىك مۇساپىرلارغا كەڭ قۇچاق ئاچقان دۆلەتلەرگە ياردەم قىلىدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا نوپۇس، كۆچمەنلىك ئىشلىرى ئىدارىسى مۇئاۋىن باشلىقى ئاننې رىچارد، بېرلىندا چاقىرىلغان «رايوندىكى مۇقىملىقنى قوللاش-سۈرىيەلىك پاناھلانغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى» ناملىق يىغىندا، سۈرىيەلىك مۇساپىرلارغا كەڭ قۇچاق ئاچقان دۆلەتلەرگە ئامېرىكىنىڭ يەنە 10 مىليون دوللار ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى قەيت قىلىندى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەققىيات پىروگراممىسى دائىرىسىدە قىلىنىدىغان ياردەملەرنىڭ مۇساپىرلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامداشقا يېتىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا، ياردەملەرنىڭ مەكتەپلەرنىڭ شارائىتىنى ياخشىلاش، ئوقۇش ماتېرىياللىرى چىقىملىرى، سەھىيە ئورۇنلىرى بەرپا قىلىش، سۇ ۋە قانال قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق ئىشلارغا ئىشلىتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا يەنە، ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش باشلىغاندىن بۇيان، دۆلەت ئىچىدىكى ۋە قوشنا دۆلەتلەردىكى مۇساپىرلارغا 2 مىليارد 900 مىليون دوللاردىن ئارتۇق ياردەم قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر