ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ناتو ئۇكرائىنا توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ناتو ئۇكرائىنادا يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ۋە غەرب تەرەپدارلىرىنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشقان پارلامېنت سايلىمىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

172836
ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ناتو ئۇكرائىنا توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى باشلىقى ھېرمان ۋان رومپۇي ۋە ياۋروپا كومىتېتى باشلىقى بارروسو قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنادا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامنى تەبرىكلىدى. باياناتتا، «بۇ ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ ۋە دېموكراتىيەسىنىڭ غەلىبىسىدۇر. ئۇكرائىنا خەلقى سايلام ئارقىلىق بەرگەن ھوقۇق يۈرگۈزۈلىشى لازىم» دېيىلدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى قۇرۇلماقچى بولغان يېڭى ھۆكۈمەتنى دۆلەت مىقياسىدا دىيالوگنى ئاساس قىلغان ھالدا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئىسلاھات قەدىمىنى تېزلەشتۈرۈشنى چاقىرىق قىلىش بىلەن بىرگە، دونېتسىك ۋە لۇگانسىكتا 2 – نويابىر ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان سايلامنىڭ جىددىيچىلىكىنى پەسەيتىشكە، ئىسلاھاتقا ۋە ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى بىلەن ئورنىتىلىدىغان دىيالوگقا پايدىلىق بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ تىنچلىق مۇھىتىدا خەلقئارالىق ئۆلچەملەر بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن سايلام مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇكرائىنا خەلقىنى تەبرىكلىدى. ئۇ: «ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ كۆپ قىسمى ئاشكارا ھالدا دېموكراتىك شەكىلدە ئىسلاھات ۋە ياۋروپا يولى تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇلارنىڭ ئاز سانلىقلارغا، قانۇننىڭ مۇقەددەسلىكىگە ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدىغان، دېموكراتىك قىممەتلەرگە سادىق، ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان سىياسىي مۇساپىنى ئالغا سىلجىتىدىغان قەتئىي ئىرادىسىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر