پاكىستان بىلەن ئىران كېلىشىم ھاسىل قىلدى

پاكىستان بىلەن ئىران چېگرىسىدا يېقىنكى كۈنلەردىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان جىددىيچىلىككە خاتىمە بېرىش مەقسىتىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

172963
پاكىستان بىلەن ئىران كېلىشىم ھاسىل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان بىلەن ئىران چېگرىسىدا يېقىنكى كۈنلەردىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان جىددىيچىلىككە خاتىمە بېرىش مەقسىتىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
پاكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن تۈنۈگۈن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، پاكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى باياناتچىسى ئېزاز ئەھمەد چادرىي باشچىلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن ئىران مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئىبراھىم راھىمپۇر رەھبەرلىكىدىكى ھەيئەتنىڭ چېگرىدىكى سۈركىلىشلەر توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىش بېرىش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغان تەرەپلەرنىڭ، بىرەر كېلىشمەسلىكنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە ئىككى تەرەپ دۆلەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ ئاخبارات ئالماشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى. ئۇچرىشىشلاردا، يەنە سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئېنېرگىيە ۋە سودا جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرۇلۇق ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر