خەۋپسىزلىك كېڭىشى جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىرىق قىلىندى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىرىق قىلىندى.

172962
 خەۋپسىزلىك كېڭىشى جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىرىق قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىرىق قىلىندى.
پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي كۆزەتكۈچىسى رىياد مەنسۇر، ئىسرائىلىيەنىڭ شەرقىي قۇددۇستا يېڭى ئولتۇراق رايونلىرى بەرپا قىلىش قارارى ئېلىشىدىن كېيىن، ئىككى دۆلەتلىك تۈزۈم تىرىشچانلىقلىرىغا زىيان يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بۇ ھەقتە جىددىي يىغىن چاقىرىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
مەنسۇر، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمون، خەۋپسىزلىك كېڭىشى ۋە ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىگە يوللىغان مەكتۇبىدا، ئۆتكەن ھەپتە ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي قۇددۇستا قايتىدىن مىڭ ئولتۇراق رايونى بەرپا قىلىش قارارنامىسىنى تەستىقلىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
بۇ قاراردىن كېيىن، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە ئائىت 35 تۇرالغۇنى تارتىۋالغانلىقىنى ئەسكەرتكەن مەنسۇر، ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ قانۇنسىز قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.
مەنسۇر، ئىسرائىلىيەنىڭ مەسجىدى ئەقسادىكى ئىغۋاگەرلىك قىلمىشلىرىنىڭ تولىمۇ خەۋىپلىك ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ جىددىي يىغىن چاقىرىپ، قارار ماقۇللىشى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇنسىز قىلمىشلىرىنى توختىتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمون بىلەن ئامېرىكا دائىرىلىرى، ئىلگىرى بەرگەن باياناتلىرىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭى ئولتۇراق رايونلىرى بەرپا قىلىشىنىڭ خەلقئارا قانۇننى دەپسەندە قىلغانلىقى ۋە ئىككى دۆلەتلىك تۈزۈمگە زىيان يەتكۈزگەنلىكى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر