روھىنگيالىق مۇسۇلمانلار قېچىشقا باشلىدى

تايلاندنىڭ جەنۇبىغا يېتىپ كەلگەن روھىنگا مۇسۇلمانلىرىدىن بەزىلەرنىڭ ئىنسان ئەتكەسچىلىرى بىلەن يەرلىك چىرىك ئەمەلدارلارنىڭ قىلتاقلىرىغا چۈشۈۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

170846
روھىنگيالىق مۇسۇلمانلار  قېچىشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرمادايېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان ھۆكۈمەت ساقچىلىرى نۇرغۇن ساندا مۇسۇلمانلارنى قولغا ئالغاندىن كېيىن روھىنگيالىق مۇسۇلمانلار بىرمانىڭ غەربىدىكى ئاراكاندىن قېچىپ چىقماقتا.
ئىجتىمائىي خەلق تەشكىلاتى ئاركان لايىھەسىنىڭ باشلىقى چرىس لىۋا ئېلان قىلغان باياناتىدا، بىر ھەپتە ئىچىدە 8 مىڭدىن ئارتۇق روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئاراكاندىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى ۋە بۇ سانننىڭ 2013 – يىلدىن بۇيان ئاراكاننى تاشلاپ چىقىپ كەتكەن روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنىڭ سانىدىنمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
لىۋا ئاركاننى تاشلاپ چىقىپ كەتكەن روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنىڭ كېمە قولۋاقلار ئارقىلىق تايلاند ۋە مالېزىيەگە قېچىۋاتقانلىقىنى، بىرما ساقچىلىرىنىڭ بولسا، بۇ ۋەقەلەرگە ئويۇن كۆرگەندەك قاراپ تۇرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئاراكاندا يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان مۇسۇلمان دىنىي رەھبەرلەرنىڭ ۋە جامائەت ئەرباپلىرىنىڭ ئارقىمۇ – ئارقىدىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن لىۋا، قولغا ئېلىنغانلاردىن بەزىلەرنىڭ ئېغىر قىيىن – قىستاقلار تۈپەيلى ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ ئەھۋالنىڭ خەلق ئارىسىدا ئالاقزادىلىك پەيدا قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
مەلۇم مەزگىل ئىلگىرى ئەل قائىدە تەشكىلاتىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا شۆبىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقى ھەقىقىدىكى باياناتلىرىنى بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنى نىشان قىلغان يېڭى ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە باھانە قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
بۇ جەرياندا تايلاندنىڭ جەنۇبىغا يېتىپ كەلگەن روھىنگا مۇسۇلمانلىرىدىن بەزىلەرنىڭ ئىنسان ئەتكەسچىلىرى بىلەن يەرلىك چىرىك ئەمەلدارلارنىڭ قىلتاقلىرىغا چۈشۈۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
بىرمادا 2012 – يىلىدىن بۇيان يۈز بەرگەن ۋە مۇسۇلمانلار ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان ۋەقەلەردە 200 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 140 مىڭ كىشى ئۆي - ماكانسىز قالغان ئىدى.
ئونمىڭلىغان بىرما مۇسۇلمانلىرىنىڭ كېمە – قولۋاقلار ئارقىلىق تايلاند، مالېزىيە ۋە ئاۋستىرالىيەگە قېچىپ بېرىش ئۈچۈن ئىنسان ئەتكەسچىلىرىگە نۇرغۇن پۇل تۆلەۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر