ئامېرىكا "ئى ش ئى د"نىڭ ئىقتىسادى مەنبەسىنى ئېلان قىلدى

داۋىد كوھېن "ئى ش ئى د"نىڭ ئاز دېگەندە كۈنىگە 1 مىليون دوللار كىرىم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

169620
ئامېرىكا "ئى ش ئى د"نىڭ ئىقتىسادى مەنبەسىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ باي تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ تۇنۇلغان ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ ئىقتىسادى مەنبەسى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
بايانات ئامېرىكا دۆلەت خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىكى مەسلىھەتچىسى داۋىد كوھېن تەرىپىدىن ئېلان قىلىندى.
داۋىد كوھېن "ئى ش ئى د"نىڭ نېفىت قاراڭغۇ بازارلىرى، تۆلەم ئېلىش، فىديە ئېلىش، ئەسىر ئالغان ئاياللارنى سېتىش ئارقىلىق ئاز دېگەندە كۈنىگە 1 مىليون دوللار كىرىم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
كوھېن "ئى ش ئى د"نىڭ ھەتتا ئۆزىگە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئىراقتىكى كۈرتلەرگە ۋە ئەسەد ھۆكۈمىتىگە نېفىت ساتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئەتكەسچىلىككە ئارىلاشقان مۇرەسسەچىلەرنى تەكشۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
داۋىد كوھېن "ئى ش ئى د"نىڭ كېرىم مەنبەلىرىنىڭ دائىرىسىنى تارايتىشنى نىشان قىلغان ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ تەشكىلات پۇل يۆتكىيەلەيدىغان بانكىلارغا نىسبەتەنمۇ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئالاقىدار مەسئۇللار، بۇ مەنبەلەرنىڭ سانىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى ھۇجۇملارغا كەتكەن ئومۇمىي چىقىمنىمۇ ئېلان قىلدى.
8 - ئاۋغۇستتىن بۇيان ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى بىرلەشمە ئارمىيەگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ جەمئىي 6600 قېتىم ئۇچقانلىقى ۋە "ئى ش ئى د" بازىلىرىغا 1700 دىن كۆپرەك بومبا ئاتقانلىقى قەيت قىلىندى.
يەنە بىر تەرەپتىن "ئى ش ئى د"نى ھاۋادىن بومباردىمان قىلىش داۋاملاشماقتا.
بۇ قېتىم فىرانسىيە، ئىراقتا "ئى ش ئى د"غا تەۋە 12 بىنانىڭ يەر بىلەن يەكسان قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
فىرانسىيە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە ئارمىيەگە قاتناشقان تۈنجى دۆلەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر