ھىندونېزىيەدە يېڭى پىرېزىدېنت قىزغىن تەبرىكلەندى

ھىندونېزىيەدە سايلامدا ئۇتۇپ چىققان جوكو ۋىدودو پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى سۇسىلو بامباڭ يۈدھويونودىن تاپشۇرۇپ ئالدى.

166990
ھىندونېزىيەدە يېڭى پىرېزىدېنت قىزغىن تەبرىكلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندونېزىيەدە يېڭى پىرېزىدېنت جوكو ۋىدودونىڭ ۋەزىپىسىنى باشىلىغانلىقى ئۈچۈن پۈتۈن دۆلەت مىقياسىدا شۈكرى قىلىش مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈلدى.
ھىندونېزىيەدە سايلامدا ئۇتۇپ چىققان جوكو ۋىدودو پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى سۇسىلو بامباڭ يۈدھويونودىن تاپشۇرۇپ ئالدى.
پۈتۈن دۆلەت مىقياسىدا تەبرىكلەش مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈلدى. ساماترا ئارىلىدىكى مادەن شەھىرىدە ئەنئەنىۋىي شۈكرى قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
سۇماترا ئارىلى رايونىدا بەرىكەت ۋە باياشاتلىق ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ قارىلىدىغان گۇرۇچتىن 5 مېتېرلىك سېمۋول ياسىلىپ، شەھەر مەركىزىدە تارقىتلىدى.
گۈرۈچتىن 5 مېتىرلىك بەرەكەت سېمۋولى ياسايدىغان ئاگۇس سالىم، يېزا قىشلاقلاردا بۇ "بەرىكەت ئېلىپ كېلىدۇ" دەپ ئىشىنىدىغان مۇراسىم ئۈچۈن گۈرۈچتىن بەرىكەت ۋە شۈكۈرنىڭ سېمۋولىنى تەييارلىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «جوكو ۋىدودو بىلەن دۆلىتىمىز يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى. يېڭى پىرېزىدېنتىمىز بىلەن تېخىمۇ گۈزەل كۈنلەرنى كۈرۈشنى ئۈمىت قىلىمىز» دېدى.
ھىندونېزىيەلىك مۇسۇلمانلار جامىلەرگە يىغىلىپ ناماز ئوقۇغان بولسا، خىرىستىيانلار چىركاۋلاردا، ھىندۇ ۋە بۇددېستلەر ئۆز ئىبادەتخانىلارىدا توپلىشىپ دۆلەتنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىغا دۇئا قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر