سۈرىيە چېگرىسىدىكى توقۇنۇشلار ب د ت نى ھەرىكەتكە كەلتۈردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇئاۋىن باش كاتىپى، قوشۇمچە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش كومىتېتىنىڭ ماسلاشتۇرغۇچىسى ۋالېرى ئېيمېس تۈركىيەگە كەلدى. سۇرۇچتا تەكشۈرۈشلەردە بولغان ئېيمېس، TRT نىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

164982
 سۈرىيە چېگرىسىدىكى توقۇنۇشلار ب د ت نى ھەرىكەتكە كەلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە چېگرىسىدىكى توقۇنۇشلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ھەرىكەتكە كەلتۈردى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇئاۋىن باش كاتىپى، قوشۇمچە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش كومىتېتىنىڭ ماسلاشتۇرغۇچىسى ۋالېرى ئېيمېس تۈركىيەگە كەلدى.
سۇرۇچتا تەكشۈرۈشلەردە بولغان ئېيمېس، TRT نىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۈركىيە يولغا قويۇۋاتقان «ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتى» تۈپەيلى ھەم ھۆكۈمەت ھەمدە تۈركىيە خەلقىدىن ئىنتايىن مىننەتدار ئىكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتكەن ئېيمېس، ئەنقەرەنىڭ 4 يېرىم مىليارد دوللار چىقىم قىلغان بولۇشىغا قارىماي، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نېمىشقا سېىمۋل تەرىقىسىدىلا ياردەم بەرگەنلىكىگە قارىتا سوئالغا، «بىز ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنى پەقەت ئىئانىلەرگە تايىنىپلا ئىشقا ئاشۇرالايدىغان بىر تەشكىلاتمىز» دەپ جاۋاب بەردى.
ئېيمېس، بىتەرەپ رايون قارارىنىڭ پەقەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى تەرىپىدىنلا ئېلىنالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
سۈرىيەدە 11 مىليون كىشىنىڭ جىددىي ياردەمگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئېيمېس، يېقىنلىشىۋاتقان قىش شەرتلىرى تۈپەيلى ئەندىشىلىرىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئېيمېس، ئەنقەرە زىيارىتى دائىرىسىدە مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش ۋە چەتئەللىك ۋەكالەتخانىلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر