پەلەستىندە زېمىن ساتقۇچىلار قاتتىق جازاغا تارتىلىدۇ

پەلەستىندە «دۈشمەن دۆلەتلەر» گە زېمىن ساتقۇچىلار قاتتىق جازاغا تارتىلىدۇ.

165405
پەلەستىندە زېمىن ساتقۇچىلار قاتتىق جازاغا تارتىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىندە «دۈشمەن دۆلەتلەر» گە زېمىن ساتقۇچىلار قاتتىق جازاغا تارتىلىدۇ.
پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا، «دۈشمەن دۆلەتلەرگە ۋەياكى ۋەتەنداشلىرىغا» زېمىن ساتقۇچىلارغا قارىتىلغان جازالارنى كۆپەيتتى.
زېمىن ساتقۇچىلارغا ئىلگىرى بېرىلىدىغان قاماق ۋە ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتىلدى.
قارارنىڭ شەرقىي قۇددۇستىكى پەلەستىنلىكلەرگە ئائىت يەرلەرنى بېدىكلارنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق يەھۇدىي كۆچمەنلىرىگە ئائىت جەمئىيەتلەرگە ئاستىرىتتىن سېىتىش قىلمىشلىرى ئەۋىج ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
پەلەستىنلىكلەرنىڭ يەھۇدىيلارغا زېمىن سېتىش مەنئىي قىلىنغان ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا، ئىسرائىلىيە پۇقراسى بولغان ئەرەبلەر سېتىۋالغان يەرلەر، ۋاستىلىك يوللار ئارقىلىق يەھۇدىي كۆچمەنلىرىگە بېرىلمەكتە.
ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى، ئىسرائىلىيە ئىشغالى باشلانغان 1967 – يىلغىچە ئىيوردانىيەگە قاراشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، رايوندا ئىيوردانىيەنىڭ قانۇن – بەلگىلىمىلىرى ھازىرمۇ كۈچكە ئىگە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر