مېكسىكىدا سەل ئاپىتى يۈز بەردى
مېكسىكىنىڭ جەنۇبىدا سەل ئاپىتى يۈز بەردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكىنىڭ جەنۇبىدا سەل ئاپىتى يۈز بەردى.
دەھشەتلىك تىروپىك يامغۇرلىرى بولۇپمۇ مېكسىكىنىڭ گېرېرېۋ ئىشتاتىغا ئېغىر تالاپەت يەتكۈزدى.
سەل ئاپەتلىرى تۈپەيلى ماركېلىدا نۇرغۇنلىغان كۆۋرۈكلەر بىلەن يوللار ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى.
قاپسىلىپ قالغان مېكسىكىلىقلار ناھايىتى تەسلىكتە قۇتۇلدۇرۇۋېلىندى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، پات – پات دەھشەتلىك ياغقان تىروپىك يامغۇرلىرى تۈپەيلى ھازىرغىچە يېتىپ بارغىلى بولمىغان نۇرغۇنلىغان رايونلار بار ئىكەن.
دۆلەتنىڭ جەنۇبىدا سۇنىڭ سەۋىيەسى بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئولتۇراق رايونلىرىغا تەھدىت سالماقتا.
ھازىرغىچە 36 شەھەرلىك ھۆكۈمەت جىددىىي ھالەت ئېلان قىلدى.
تارقاقلاشتۇرۇلغان 4 مىڭدىن ئارتۇق كىشى 11 پاناھلىنىش ئورۇنلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/3cc3/db28/e5e7/571459f87d3d8.jpg?time=1719149079)
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.