گېرمانىيە كەڭ كۆلەملىك ئىش تاشلاش ھەرىكەتلىرىگە سەھنە بولماقتا
گېرمانىيەدە پويىز شوپۇرلىرىدىن كېيىن لۈتچۈكلەر نامايىش ئۆتكۈزدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۆمۈر يول ئىدارىسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان پويىز شوپۇرلىرىنىڭ 50 سائەتلىك ئىش تاشلىشى سەلبىي تەسىرلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
مائاشلىرىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزگەن پويىز شوپۇرلىرى خىزمەتكە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بۇ قېتىم لۇفتانسا لۈتچۈكلىرى ئىش تاشلىدى. بالدۇر پىنسىيەگە چىقىش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلالمىغان لۈتچۈكلەر ئىككى كۈن ئىش تاشلاشنى قارار قىلدى. بۇ قېتىمقى ئىش تاشلاشنىڭ گېرمانىيە مىقياسىدىكى بارلىق ئايرۇپىلان سەپەرلىرىگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئەتە ئۇزۇن سەپەرلەردە مەسىلە كۆرۈلىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. باھار ئايلىرىدا مەيدانغا كەلگەن ئىش تاشلاش ھەرىكەتلىرى سەۋەبلىك لۇفتانسادا 60 مىليون ياۋرو زىيان كېلىپ چىققان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.