ئىران لىۋانغا قورال ياردەم قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

ئىراننىڭ لىۋانغا قورال ياردەم قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

162528
ئىران لىۋانغا قورال ياردەم قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراندىن لىۋانغا قىلىنىدىغان «ھەربىي ياردەم» مۇزاكىرىلىرى باشلىدى.
ئىراننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى ئىرنانىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، پايتەخت تېھراندا رەسمىي زىيارەتتە بولىۋاتقان لىۋاننىڭ مۇئاۋىن مۇداپىئە مىنىستىرى سەمىر مۇقبىل بىلەن ئىران مۇداپىئە مىنىستىرى ھۈسەيىن دەھقان، رايوننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە لىۋانغا قىلىنىدىغان ھەربىي ياردەم مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزدى.
ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىكى مۇتەخەسسىلىرىمۇ قاتناشقان يىغىندا سۆز قىلغان دەھقان، رايوننىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ناھايىتى جىددىي ئىكەنلىكىنى، مۇشۇنداق ھالقىلىق بىر پەيتتە مۇئاۋىن مۇداپىئە مىنىستىرى مۇقبىلنىڭ ئىرانغا زىيارەت قىلىشىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
لىۋاننىڭ ئىستىراتېگىيىلىك ئەھمىيىتىنىڭ ئىرانغا نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېيتقان دەھقان مۇنداق دېدى: «ئىران لىۋاننىڭ بىخەتەرلىكىنى، مۇستەقىللىقىنى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى مۇداپىئە قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.»
لىۋاننىڭ مۇئاۋىن مۇداپىئە مىنىستىرى مۇقبىلمۇ ئىراننىڭ لىۋانغا قىلغان ياردەملىرىدىن قاتتىق خۇرسەن بولغانلىقلىرىنى ئېيتتى. مۇقبىل مۇنداق دېدى: «ناھايىتى ھالقىلىق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز. ئىراننىڭ دۆلىتىمىزگە قىلغان ياردىمىدىن ئىنتايىن خۇرسەنمىز.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر